تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ 2018 - يىللىق تېررورىزم دوكلاتىدىكى بەزى ئۇچۇرلارغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2018 – يىللىق تېررورىزم دوكلاتىنىڭ «ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن بولمىغان پوزىتسىيەلىرىنى يوشۇرۇش تىرىشچانلىقى» دىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1299823
تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ 2018 - يىللىق تېررورىزم دوكلاتىدىكى بەزى ئۇچۇرلارغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي بۇ مەسىلىگە ئالاقىدار بىر سوئالغا يازما ھالەتتە جاۋاب قايتۇرۇپ، دوكلاتتا، ئامېرىكا تەرەپنىڭ «چەت ئەل تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ تىزىمغا ئېلىنغان پ ك ك نىڭ 2015 – 2018 – يىللار ئارىسىدا تۈركىيەدە 1200 دىن ئارتۇق پۇقرا، ساقچى ۋە ئەسكەرنىڭ شېھىت قىلىنىشىنىڭ سەۋەبكارى ئىكەنلىكىنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ي پ گ نىڭ ئىسمىنىڭ تىلغا ئېلىنماسلىقى، بۇنىڭ ئورنىغا <پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىلىرى> دېگەن ئىبارىنىڭ ئىشلىتىلىشى، بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ئورناتقان ھەمكارلىقىنى يوشۇرمىغان ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن بولمىغان پوزىتسىيەلىرىنى يوشۇرۇش تىرىشچانلىقىدۇر» دېدى.

ھامى ئاقسوي دوكلاتتىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئالاقىدار نۇقتىلار ھەققىدە توختىلىپ، «تۈركىيەنى زەربە ئوبيېكتى قىلغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشىنىڭ <سۈرگۈندىكى بىر دىنىي زات> دېيىلىشى، 15 – ئىيۇل خائىنلاچە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى نەزەردىن ساقىت قىلىش ياكى ئۇنى قوللاش دېگەنلىكتۇر. بۇ يەنە، بۇ تېررورچىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى زېمىنلىرىدا ئۆزىگە بىخەتەر پاناگاھ تاپقان بولۇشىنى نەزەردىن ساقىت قىلىش تىرىشچانلىقىنىڭ ناماياندىسىدۇر. 251 نەپەر بىگۇناھ پۇقرايىمىز شېھىت قىلىنغان ۋە مىڭلارچە كىشى يارىلانغان 15 – ئىيۇن خائىنلارچە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ ئارقىسىدىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پەقەت تۈركىيە ئەمەس، ئۆزى تۇرۇۋاتقان بارلىق دۆلەتلەرگە نىسبەتەن خەۋپ ئىكەنلىكى ئەستىن چىقىرىلماسلىقى، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە خەلقئارالىق ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكى بىلىنىشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر