تۈركىيە ئامېرىكا ۋە فىرانسىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە، ئاتالمىش ئەرمەن دەۋالىرىنى ياقلاپ قارار ماقۇللىغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ۋە تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى تۈپەيلى فىرانسىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

1299289
تۈركىيە ئامېرىكا ۋە فىرانسىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ (تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بارغان) تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتىنى باھانە قىلىپ ئەرمەن دەۋالىرى قانۇن لايىھەسىنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈشى بىلەن دۆلىتىمىزگە ۋە رەھبەرلىرىگە جازا يۈرگۈزۈشنى قارار قىلىشى، ھەم 2019 – يىلى 17 – ئۆكتەبىردە ئىمزالانغان كېلىشىمگە ھەم ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىك ۋە ناتو ئىتتىپاقداشلىقىنىڭ روھىغا زىتتۇر» دېدى.

باياناتتا، فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭ تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتىگە قارشى قارارىنىڭ باشتا فىرانسىيە خەلقى بولۇپ دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن ھەقىقەتلەرنى يوشۇرۇش ۋە بۇرمىلاش ئۇرۇنۇشىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكى ئەسكەرتىلگەن ھالدا «ئاتالمىش ئەرمەن دەۋالىرىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى بىلەن پ ك ك / ي پ گ غا <ئىتتىپاقداش> دەپ ئېنىقلىما بەرگەن فىرانسىيە پارلامېنتىنى ئەيىبلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا يەنە، «بىلىنسۇنكى، ياۋروپا بىلەن تېررورىزم ئارىسىدىكى ئاخىرقى توسۇق بولغان تۈركىيە، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ فىرونت دۆلىتىدۇر» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر