تۈركىيە مالىغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە، مالىدىكى بىر ھەربىي ئورۇنغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا كۆپ ساندا ئادەمنىڭ جېنىدىغان ئايرىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مالى ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى.

1299274
تۈركىيە مالىغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مالىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بىر ھەربىي رايونغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا كۆپ ساندا ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. باياناتتا، «مەزكۇر ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز، مالى ھۆكۈمىتى بىلەن قېرىنداش مالى خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

مالىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى نىگېر چېگراسى بويىغا جايلاشقان بىر ھەربىي رايون تۈنۈگۈن تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 53 ئەسكەر بىلەن بىر پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر