تۈركىيە فىرانسىيەنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە فىرانسىيە پالاتاسىدا قوبۇل قىلىنغان ۋە باش ياغلىقى چەككەن ئانىلارنىڭ مەكتەپ سەيلىسىدە پەرزەنتلىرىگە ھەمراھ بولۇشىنى مەنئىي قىلىشنى مەقسەت قىلغان قانۇن تەكلىپىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1297807
تۈركىيە فىرانسىيەنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، «فىرانسىيە پالاتاسىدا قوبۇل قىلىنغان ۋە باش ياغلىقى چەككەن ئانىلارنىڭ مەكتەپ سەيلىسىدە پەرزەنتلىرىگە ھەمراھ بولۇشىنى مەنئىي قىلىشنى مەقسەت قىلغان قانۇن تەكلىپىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز ۋە رەت قىلىمىز» دېيىلدى.

باياناتتا، «باش ياغلىقى چەكلىمىسىگە قارىتا <خىزمەتكە ياردەمچى بولىدىغان كىىشلەر> دېگەن سۆزنىڭ ئىشلىتىلىشى، دۆلەت خادىملىرىغا قارىتىلماستىن، بىۋاستە پەرزەنتلىرىگە ھەمراھ بولىدىغان ئانىلارنى نىشان قىلغانلىقتۇر. بۇ فىرانسىيەنىڭ مۇسۇلمانلارغا ئايرىمچىلىق پوزىتسىيە تۇتقانلىقى ۋە يېتىم قالدۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنىڭ نامايەندىسىدۇر. بۇنى مەيلى فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان تۈرك ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەر، مەيلى دۆلىتىمىزدە ۋە باشقا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ خەلقئارالىق قىممەت قاراشلىرى قەتئىي قوبۇل قىلالمايدىغان بىر ئىش. فىرانسىيە دائىرىلىرىنىڭ دۆلەتلىرىدىكى ئىسلامغا ۋە چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىشنى قۇترۇتىدىغان ۋە دىنىي ئەركىنلىكلەرگە چەكلىمە قويىدىغان بۇ خىل ئايرىمچىلىق خاراكتېرلىق ئارلىشىۋىلىشلارنىڭ ئورنىغا، ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ئېقىمىغا قارشى كۈرەشكە ئالاقىدار قانۇنلار ۋە تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشى پايدىلىق بولىدۇ. ھەر دائىم ئەركىنلىكنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھەق ھوقۇقلار ۋە ئەركىنلىكلەرنىمۇ ئاياق ئاستى قىلىۋاتقانلىقى مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ ئىككى يۈزلۈكى شۇنداقلا قوش ئۆلچەملىك پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىنىڭ روشەن نامايەندىسىدۇر» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، پالاتادىكى مۇنازىرىلەر جەريانىدا، بەزى ئەقلى ساغلام ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بۇ قانۇن تەكلىپىنىڭ خاتالىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولغانلىقىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالغانلىقى بىلدۈرۈلۈپ، «فىرانسىيەنىڭ مەزكۇر ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قۇلاق سېلىپ، بۇ خاتالىقتىن يېنىشىنى ۋە قانۇن تەكلىپىنىڭ دۆلەت پارلامېنتىدا رەت قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەنلەرگىمۇ ئورۇن ئاجرىتىلدى.
 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر