چاۋۇشئوغلۇ: ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش ئەرمەن دەۋالىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك لايىھەسىنىڭ قىممىتى يوق

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئاتالمىش ئەرمەن دەۋالىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك لايىھەسىنىڭ قىممىتى يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.

1296737
چاۋۇشئوغلۇ: ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش ئەرمەن دەۋالىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك لايىھەسىنىڭ قىممىتى يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ ئىجتىمائىي تاراتقو تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «(سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/پ ك ك/س د گ گە قارشى ئېلىپ بېرىلغان) تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق چوڭ ئويۇننى بۇزۇپ تاشلىدۇق. پىلانلىرى سۇغا چىلاشقانلار تاتمىلاردىكى كونا لايىھەلەرگە ئېسىلدى. بىزدىن بۇ يول ئارقىلىق ئىنتىقام ئالىمىز دەپ ئويلىغانلار خاتالىشىدۇ. تارىخنى سىياسەتكە ۋاسىتە قىلغۇچىلارنىڭ بۇ نومۇس قىلارلىق قارارى، ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ۋە خەلقىمىزنىڭ نەزىرىدە يوق ھۆكمىدىدۇر (قىممىتى يوقتۇر)» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تۈنۈگۈن ئاتالمىش 1915 – يىل ۋەقەلىرىگە ئالاقىدار ئەرمەن دەۋالىرىنى ئېتىراپ قىلىشنى مەزمۇن قىلغان بىر قارار لايىھەسىنى قوبۇل قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر