چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكىنىڭ تۈركىيە قارشى چىقارغان قارارلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئاتالمىش ئەرمەن دەۋالىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك لايىھەسىنىڭ قىممىتى يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.

1297297
چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكىنىڭ تۈركىيە قارشى چىقارغان قارارلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ ئىجتىمائىي تاراتقو تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «(سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/پ ك ك/س د گ گە قارشى ئېلىپ بېرىلغان) تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق چوڭ ئويۇننى بۇزۇپ تاشلىدۇق. پىلانلىرى سۇغا چىلاشقانلار تاتمىلاردىكى كونا لايىھەلەرگە ئېسىلدى. بىزدىن بۇ يول ئارقىلىق ئىنتىقام ئالىمىز دەپ ئويلىغانلار خاتالىشىدۇ. تارىخنى سىياسەتكە ۋاسىتە قىلغۇچىلارنىڭ بۇ نومۇس قىلارلىق قارارى، ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ۋە خەلقىمىزنىڭ نەزىرىدە يوق ھۆكمىدىدۇر (قىممىتى يوقتۇر)» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندىمۇ، ئاتالمىش ئەرمەن قىرغىنچىلىقى قارارىنىڭ قوبۇل قىلىنىش ۋاقتىنىڭ غەلىتە ئىكەنلىكىنى، قارارنىڭ ھېچقانداق ئىجرائىيە كۈچى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، «<ھېچبىر ئىجرائىيە كۈچى يوق> دەپ چىقىرىلغان قارارغا كۆز يۇمۇپ تۇرمايمىز. ئەسلىدىمۇ نارازىلىقىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇق» دېدى.

تۈركىيەگە قارشى چىقىرىلغان ئىككى قارارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە ئويۇننى بۇزۇشىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ، «ئۇ يەردە بىر تېررور دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى پىلانلانغانىدى. تاشلىغان قەدەملىرىمىز بىلەن، قىلغان ھەرىكەت بىلەن باشتا ئەمەلىي مەيداندا، ئارقىدىن ئۈستەلدە ھەم ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھەم رۇسىيە بىلەن ھاسىل قىلغان كېلىشىملىرىمىز بىلەن ئويۇننى بۇزدۇق. بۇنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇشۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ باشقا ئىزاھاتى يوق» دېدى.

يىللاردىن بۇيان مۇشۇنداق بىر قارار لايىھەسىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئاۋام پالاتاسى ياكى يۇقىرى پالاتاسىدا قەتئىي قوبۇل قىلىنمىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، «يوقنىڭ ئورنىدىكى بىر قارارنىڭ قانۇنىي جەھەتتىمۇ ھېچقانداق نەتىجىسى يوقتۇر. پەقەت ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئوخشاش بىر دۆلەت چۈشۈپ قالغان ئەھۋال نۇقتىسىدىن قارىغاندا ھەقىقەتەنمۇ ئىبرەتلىكتۇر. بىز بۇنى پۈتۈنلەي رەت قىلدۇق ۋە <ھۆكۈمسىز> ئىكەنلىكىنى ئۇلارغا يەتكۈزدۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر