بۈگۈن تۈركىيەدە 29 - ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى تەبرىكلىنىدۇ

29 – ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى – تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 96 يىللىقى پۈتكۈل تۈركىيە مىقياسىدا جۇشقۇن كەيپىيات ئىچىدە تەبرىكلىنىدۇ.

1296317
بۈگۈن تۈركىيەدە 29 - ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى تەبرىكلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باشچىلىقىدىكى دۆلەت ئەربابلىرى ۋە سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى 29 – ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە تەبرىكلەرنى قوبۇل قىلىدىغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بەشتەپە مىللەت قۇرۇلتاي ۋە كۈلتۈر مەركىزىدە جۇمھۇرىيەت بايرىمى قوبۇل قىلىش مۇراسىمىغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ.

مۇراسىم ئىشتىراكچىلىرى، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئالدىدىكى رەسمىي مۇراسىمدىن كېيىن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىن ئۇلۇستىكى بىرىنچى مەجلىس بىناسىغىچە مېڭىپ بارىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر