ھاككارىدىكى توقۇنۇشتا يارىلانغان ئەسكەر شېھىت بولدى

ھاككارىدا 23 – ئۆكتەبىردە تېررورچىلار بىلەن توقۇنۇش ئەسناسىدا ئېغىر يارىلانغان ئەسكەر دوختۇرخانىدا شېھىت بولدى.

1295883
ھاككارىدىكى توقۇنۇشتا يارىلانغان ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ھاككارىنىڭ يۈكسەكئوۋا ناھىيەسىدە 23 – ئۆكتەبىردە تېررورچىلار بىلەن توقۇنۇش جەريانىدا ئېغىر يارىلىنىپ دوختۇرخانىدا بالنىستقا ئېلىنغان ئەسكەرنىڭ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي تۈنۈگۈن شېھىت بولۇپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «بىزنى چوڭقۇر ئازاب ۋە قايغۇغا سالغان بۇ ۋەقەدە جېنىدىن ئايرىلغان ئەزىز شېھىتىمىزغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز، مۇسىبەتلىك ئائىلىسىگە، تۈركىيە ئارمىيەسىگە ۋە ئالىيجاناب مىللىتىمىزگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، سەۋر تىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر