تۈركىيە ئىراققا ساياھەت قىلماسلىق توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى

تۈركىيە ئىراقنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلار سەۋەبىدىن تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ مەجبۇر بولۇپ قالمىغۇچە نامايىش ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان رايونلارغا ساياھەت قىلماسلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى.

1295104
تۈركىيە ئىراققا ساياھەت قىلماسلىق توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «ئىراق ئۈچۈن ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى» تېمىلىق باياناتتا، پايتەخت باغدادنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى شەھەرلەردە باشلانغان نامايىشلار سەۋەبىدىن، تۈركىيە پۇقرالىرى مەجبۇر بولۇپ قالمىغۇچە  نامايىش ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان رايونلارغا ساياھەت قىلماسلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېيىلدى: «نۆۋەتتە ئىراقتا زىيارەتتە بولۇۋاتقان پۇقرالىرىمىزغا بولسا، ئىراق دائىرىلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلغۇسى ئاگاھلاندۇرۇشلارنى يېقىندىن كۆزىتىشلىرىنى، ئادەم كۆپ جايلارغا بارماسلىقىنى ۋە بىخەتەرلىكلىرىنى قوغداش جەھەتتىن قاتتىق ھۇشيار بولۇشلىرىنى تەۋسىيە قىلىمىز. نامايىشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋە ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولغان پۇقرالىرىمىز، ئىراقتىكى يېقىن – يورۇقلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتالمىغان پۇقرالىرىمىز، كونسۇلخانا چاقىرىق مەركىزىنىڭ ((+90 312 292 29 29 نومۇرىغا، ياكى تۈركىيەنىڭ باغداد باش ئەلچىخانىسىنىڭ  (+964 771 233 9023)  نومۇرىغا تېلېفون قىلىپ،  ۋەياكى  (embassy.baghdad@mfa.gov.tr) ئېلخەت ئادرېسىغا ئۇچۇر يوللاپ، سۈرۈشتە قىلسا بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر