تۈركىيە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

1295131
تۈركىيە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەرىپىدىن تۈركىيەدىكى ۋاقىتلىق قوغدىنىش ئاستىدىكى سۈرىيەلىكلەر ھەققىدە ئېلان قىلىنغان دوكلات ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە 3.6 مىليوندىن ئارتۇق سۈرىيەلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۆزىدىن پاناھلىق تىلىگەن 4 مىليون ئەتراپىدا يۇرت – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان كىشىلەرگە ساھىبخانىلىق قىلماقتا. كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر چېگرا لىنىيەلىرىگە سېپىللارنى سوقۇۋالغان، سىم توسۇقلارنى ئورنىتىۋالغان بىر پەيتتە،  دۆلىتىمىز مۇھتاجلارغا، مەزلۇملارغا ئىشىكلىرىنى ئاچتى. بۇ جەرياندا خەلقئارالىق  ئەھدىنامىلەرگە ئاساسەن، «كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇۋەتمەسلىك پىرىنسىپى» غا ئىزچىل ئەمەل قىلىپ كەلدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىدۇ. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەدىكى ۋاقىتلىق قوغدىنىش ئاستىدا تۇرۇۋاتقان سۈرىيەلىكلەر ھەققىدە ئېلان قىلغان دەلىل – ئىسپاتتىن خالىي ھەم ئەمەلىيەت بىلەن قىلچە ئالاقىسى بولمىغان دوكلاتىنى رەت قىلىمىز. جۈملىدىن، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ <سۈرىيەلىكلەرنىڭ مەجبۇرىي دۆلىتىگە قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكى، تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقى ۋە ناچار مۇئامىلىلەرگە دۇچ كەلگەنلىكى> گە ئالاقىدار دەۋالىرى يالغان – ياۋىداقلاردىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر. دەرۋەقە، سۈرىيەلىكلەرنى ئۆز يۇرتىغا بىخەتەر ھەم ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قايتۇرۇش باسقۇچى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئېالىي كومىتېتى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا. سۈرىيەدە تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىلغان، ھەمدە شەرت – شارائتى پىشىپ يېتىلگەن تەقدىردە، سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئۆز يۇرتىغا قايتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ نىشانلىرىدىن بىرى، پ ك ك/پ ي د/ ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بېسىم ۋە زۇلۇم – سىتەملىرىدىن قاچقان يۈز مىڭلارچە سۈرىيەلىكلەر يۇرتىغا ئۆز ئىختىيارلىقى ۋە بىخەتەر ھالدا قايتلايدىغان <بىخەتەر رايون > شەكىللەندۈرۈشتۇر. سۈرىيەلىكلەرنىڭ بىخەتەر ۋە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن دۆلىتىگە قايتىش باسقۇچىنى قولايلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار، دەپ قارايمىز. دۆلىتىمىز سۈرىيەلىكلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلاشنى ئىزچىل داۋاملاتۇرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر