تۈركىيە سۈرىيەدە دالا كىلىنىك داۋالاش خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈردى

تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى « ھەربىي ھەرىكىتى» دائىرىسىدە تېررورچىلاردىن تازىلانغان تەلەبيادتا دالا كىلىنىك داۋالاش خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈردى.

1294732
تۈركىيە سۈرىيەدە دالا كىلىنىك داۋالاش خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈردى

+ تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، تەلئەبيادتا ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يېمەك - ئىچمەك، تازىلىق ۋە باشقا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى يەتكۈزۈلۈپ بېرىلىۋاتقان بىر پەيتتە، دالا كىلىنىك داۋالاش خىزمىتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.

دالا كىلىنىك داۋالاش خىزمىتى ئىچكى كېسەللىكلەر، رادىيوئاكتىپلىق داۋالاش، بالىلار كېسەللىكلىرى، تەجرىبىخانا مۇلازىمەتلىرى قاتارلىق بۆلۈملەردىن تەشكىل تاپىدىكەن. 16 كەسپىي دوختۇر كۈنىگە 500 بىمارنى تەكشۈرۈپ داۋالايدىكەن.

تەلئەبياد دوختۇرخانىسى قورۇسىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن دالا كىنىلىك داۋالاش خىزمىتىنىڭ ئورنىنىڭ ئېھتىياجقا قاراپ ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، تېررورچىلار زىيان يەركۈزگەن رايوندىكى بىرلا دوختۇرخانىنى رېمونت قىلىش ئىشلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.

تەلئەبياد 13 – ئۆكتەبىر كۈنى باشلانغان «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» دائىرىسىدە تېررورچىلاردىن تازىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر