تۈركىيە پارلامېنتى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى قارارنامىسىنى قوبۇل قىلدى

لىۋاندىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋاقىتلىق ۋەزىپە ئۆتەش كۈچى دائىرىسىدە تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى بىر يىل ئۇزارتىش مەزمۇن قىلىنغان جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى قارارنامىسى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

1293182
تۈركىيە پارلامېنتى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى قارارنامىسىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىمزاسى بىلەن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە يوللانغان قارارنامىدە، تۈركىيەنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋاقىتلىق ۋەزىپە ئۆتەش كۈچىگە ياردەم بېرىۋاتقانلىقى، لىۋاندىكى تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ 2018 – يىلى 31 – ئۆكتەبىردىن ئېتىبارەن بىر يىل ئۇزارتىلغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «بۇ دائىرىدە تۈركىيەنىڭ قوشۇۋاتقان تۆھپىلىرىنى ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى  سىستېمىسى ئىچىدە، ھەم رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق سەۋىيەدە، ھەمدە پۇقرالار – ھەربىيلەر ھەمكارلىق پائالىيەتلىرىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق لىۋان خەلقىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،  لىۋاندىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋاقىتلىق ۋەزىپە ئۆتەش كۈچىگە ھەسسە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر