تۈركىيە لىۋانغا ساياھەتكە بارىدىغان تۈركلەرگە قارىتا تەۋسىيە ئۇقتۇرۇشى تارقاتتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ لىۋانغا بېرىشنى ئويلىشىۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرىغا قارىتا تەۋسىيە ئۇقتۇرۇشى تارقاتتى.

1292453
تۈركىيە لىۋانغا ساياھەتكە بارىدىغان تۈركلەرگە قارىتا تەۋسىيە ئۇقتۇرۇشى تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، لىۋاندا داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلار جەريانىدا نامايىشچىلارنىڭ شەھەر ئىچى ۋە شەھەرلەر ئارا قاتناش يوللىرى بىلەن ئايرودۇرۇملارغا بارىدىغان يوللارنى توسۇۋالغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ، لىۋانغا قارىتىلىدىغان زىيارەتلەردە بۇ ئەھۋاللارنىڭ نەزەردە تۇتۇلۇشىنى تەۋسىيە قىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ لىۋانغا مۇناسىۋەتلىك ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشىدا، ئۇ دۆلەتتىكى نامايىشلارغا ئىشارەت قىلىنىپ، «خېلىدىن بۇيان نامايىشلار داۋاملىشىۋاتقان لىۋاندا شەھەر ئىچى ۋە شەھەرلەر ئارا قاتناش يوللىرى بىلەن ئايرودۇرۇمغا بارىدىغان يوللار نامايىشچىلار تەرىپىدىن توسۇۋېلىنماقتا. سودا، ساياھەت ياكى باشقا مۇددىئالار بىلەن لىۋانغا قىلىنىدىغان زىيارەتلەردە بۇ ئەھۋالنىڭ نەزەردە تۇتۇلۇشى پايدىلىق دەپ قارالماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا، تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ بۇ توغرىدا تۈركىيەنىڭ بېيرۇتتىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقودىكى ئادرېسلىرىنى يېقىندىن تەقىپ قىلىشلىرىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر