ئەردوغان «تىنچلىق بۇلىقى» ھەربىي ھەرىكىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ شەرتىنى ئېلان قىلدى

ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆز قىلدى.

1289183
ئەردوغان «تىنچلىق بۇلىقى» ھەربىي ھەرىكىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ شەرتىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سۈرىيەدىكى بارلىق تېررورچىلار قورال تاپشۇرۇپ، تۈركىيە بېكىتكەن بىخەتەر رايوننىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتكەن تەقدىردە، تۈركىيە ئارمىيەسى ئېلىپ بېرىۋاتقان تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆز قىلدى؛ ئۇ، 8 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان سۈرىيە مەسىلىسىنىڭ شىمالىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرقنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىش تىرىشچانلىقىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ، «دائېشنى قوللىغان، ئەمەلىي جەھەتتە يېتەكلىگەن دۆلەتلەر بۈگۈن بىزنىڭ ئالدىمىزغا دائېش دۈشمىنى سۈپىتىدە چىقماقتا. مەسىلە دائېش ئەمەس، پ ك ك ھەرگىزمۇ ئەمەس، بەلكى رايونىمىزغا مۇناسىۋەتلىك بىر پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق» دېدى.

تۈركىيەنىڭ ياۋروپا، ئامېرىكىدا يېزىلغان سېنارىيەلەرگە، ئۆزىگە بەلگىلەپ بېرىلگەن رولغا بويۇن ئەگمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، «تۈركىيەنىڭ ئۆتمۈشىدە تەسلىم بولۇشتىن ئىبارەت بىر تاللاش قەتئىي بولۇپ باقمىدى. بىز مىللىتىمىز بىلەن بىرلىكتە، يا ئىستىقلال (مۇستەقىللىق) ياكى ئۆلۈم دېگەن ھالدا كۈرەش بايرىقىنى كۆتۈردۇق. دۆلىتىنى قۇرغان بىر مىللەتكە بۇنىڭدىن باشقا يول تۇتۇشمۇ ياراشمايتتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

سۆزى ئەسناسىدا تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتىگە قارشى چىققان ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، سۈرىيە سىرتىغا چىققان 6 مىليون سۈرىيەلىكنىڭ 4 مىليونىنىڭ تۈركىيەگە كەلگەنلىكىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، «ھەممىسى دېگۈدەك ئەرەبلەردىن تەشكىل تاپقان بۇ مۇساپىرلار بىزنىڭ يېنىمىزغا كەلدى. ئەي ئەرەب ئىتتىپاقى، سىلەر قانچىلىك مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلغانسىلەر. سىلەر سۈرىيەنى ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەزالىقىدىن چىقىرىۋەتتىڭلار» دېدى.

تۈركىيەنىڭ تارىخىنىڭ ھېچبىر باسقۇچىدا پۇقرالارنى قەتل قىلمىغانلىقىنى، تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتىدىكى بۇنىڭغا ئالاقىدار دەۋالارنىڭ تۆھمەتتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان ئەردوغان، «بىز نە ئېتىقادىمىز، نە كۈلتۈرىمىز، ئە ئەخلاقىمىز بۇنىڭغا يول قويمايدۇ» دېدى.

ئەردوغان غەرب دۆلەتلىرىگە خىتاب قىلىپ، سىلەرنىڭ بۇنداق بىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىڭلارنى قەتئىي خالىمايمىز، بىراق شۇنى بىلىپ قېلىڭلاركى، ئەتە – ئۆگۈن سىلەرمۇ بىز بىلەن ئوخشاش مۈشكۈلاتلارغا دۇچار بولىسىلەر. ئىشنىڭلاركى، ئۇ چاغدا بىزنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىسىلەر، بىراق پەيتى ئۆتكەن بولىدۇ. ئۇ چاغدا سىلەر تېررورچىلارنى قوللىغۇچىلارغا نېمە دەيدىكەنسىلەر، قانداق پوزىتسىيە بىلدۈرىدىكەنسىلەر، كۆرىمىز. تېررورچىلار سىلەرنى ئازابقا مۇپتىلا قىلغاندا، يەنە بۇ ئېسىل مىللەت سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا بولىدۇ» دېگەن ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بۇ (تېررورغا قارشى) كۈرەشتە تۈركىيەگە قارشى سەپتە ئەمەس، يېنىدىن ئورۇن ئېلىڭلار، ھېچبولمىسا ئارىلاشماڭلار» دېدى.

ئەردوغان يەنە، سۈرىيەدىكى بارلىق تېررورچىلار دەرھال قورال تاپشۇرۇپ، تۈركىيە ئېلان قىلغان بىخەتەر رايوننىڭ سىرتىغا چىقسا، تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ مۇنبىچ ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، «بىزنىڭ دەردىمىز بۇ زېمىنلارنى ئۆز ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىشتۇر. بىز مۇشۇنى خالايمىز. بىزنىڭ <بىزگە بۇنى بېرىڭلار> دەيدىغان بىر دەردىمىز يوق. بىزنىڭ بىرلا دەردىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ، مەيلى رۇسىيەنىڭ مەيلى ھاكىمىيەتنىڭ بولسۇن، تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ي د نى بۇ يەردىن چىقىرىشىدۇر» دېدى.

ئەردوغان، ھاكىمىيەتنىڭ SDG (ي پ گ / پ ك ك سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقان سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى) بىلەن ھەرقانداق بىر كېلىشىم تۈزگەن بولۇشىغا ئېھتىمال بېرىشنى خالىمايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر