باش ئىشتاب باشلىقى گۈلەر ئامېرىكا باش ئىشتاب باشلىقى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەر ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال مارك مىللېي بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1286810
باش ئىشتاب باشلىقى گۈلەر ئامېرىكا باش ئىشتاب باشلىقى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باش ئىشتاب باشقارمىسىنىڭ باياناتچىسى پولكوۋنىك دېدې ھالفىل بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، تېلېفون سۆھبىتىدە، سۈرىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالى، تۈركىيە – ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تۈركىيە بىلەن بولغان ئىستىراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلەرگە ناھايىتى زور ئەھمىيەت بەرمەكتە.»

ئىككى باش ئىشتاب باشلىقىنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشۈشىنىڭ، تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ ئەين ئەلئەرەب (كوبانى) دىكى  ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ كۆزىنىش نۇقتىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى دىققەت قوزغىدى.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان  قىلىپ، بۇ خەۋەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر