ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىگە قارشى بايانات بەرگەن رىياد بىلەن قاھىرەنى قاتتىق ئەيىبلىدى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئۆزى باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ۋىلايەتلىك شۆبە باشلىقلىرى يىغىنىدا سۆز قىلدى.

1285774
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىگە قارشى بايانات بەرگەن رىياد بىلەن قاھىرەنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بارىش پىنارى (تىنچلىق بۇلىقى) ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ نېگىزىدە، تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي چېگراسىدا بىر تېررور دۆلىتى قۇرۇش ئۇرۇنۇشىغا قارشى تۇرۇشنىڭ ياتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «سۈرىيەدىكى بارلىق ئۆزگىرىشلەرگە كۆزلىرىنى يۇمۇۋېلىپ تۈركىيەنى تەنقىد قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالغانلارنى ئەقىلگە، ۋىجدانغا، ئەخلاققا قايتىپ كېلىشكە چاقىرىمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئۆزى باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ۋىلايەتلىك شۆبە باشلىقلىرى يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئۇ، ھەرىكەتنىڭ مۇددىئاسىنىڭ سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ۋە سىياسىي بىرلىكىگە ھەسسە قوشۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، سۈرىيە زېمىنلىرىدا ئونلارچە چەت كۈچ نەيزىۋازلىق قىلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، تۈركىيەنىڭ تېررور تەشكىلاتىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن باشلىغان بۇ ھەرىكىتىگە قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «سۈرىيەنىڭ بىرلىكى، باراۋەرلىكى ئۈچۈن تاشلىغان قەدىمىمىزنى ئەيىبلىشىۋاتىدۇ. سىلەر يان تەرەپكە ئۆتۈپ تۇرۇڭلار، بىز يولىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ھەرىكەت توغرىسىدىكى باياناتلىرى تۈپەيلى سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە مىسىرنى ئەيىبلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «سەئۇدى ئەرەبىستان ئالدى بىلەن ئەينەككە قاراپ باقسۇن. يەمەننى بۇ ھالغا كىم چۈشۈرۈپ قويدى؟ بولۇپمۇ مىسىر سېنىڭ پەقەت گەپ قىلىش ھەققىڭ يوق. چۈنكى سەن (مىسىر پىرېزىدېنتى سىسى) دۆلىتىڭدە دېموكراتىيە قاتىلى بولغان بىر كىشىسەن» دېدى.

ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىمۇ ئەيىبلەپ، «ھەربىي ھەرىكىتىمىزگە <ئىشغال ھەرىكىتى> دەپ باھا بېرىشكە ئۇرۇنساڭلار، بىزنىڭ ئىشىمىز ئاسان؛ ئىشىكلەرنى ئېچىپ 3 مىليون 600 مىڭ (سۈرىيەلىك) مۇساپىرنى سىلەرگە يوللاپ بېرىمىز. (سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن) ئىككىنچى باسقۇچلۇق 3 مىليارد ياۋرونى ئەۋەتمەيمىش. سىلەر ھازىرغىچە بەرگەن ۋەدەڭلاردا تۇردۇڭلارمۇ؟ ياق.» دېدى.

تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى دائېش، پ ك ك، ي پ گ ۋە پ ي د گە قارشى بۇ كۈرەشنى قەددىنى تىك تۇتقان ھالدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە گوللاندىيەدىن سۈرىيەگە بارغان دائېش تېررورچىلىرىدىن 5500 نەپىرىنى كەلگەن جايلىرىغا تۈركىيەنىڭ قايتۇرۇۋەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

بارىش پىنارى ھەربىي ھەرىكىتىدىن كېيىن سۈرىيەدىكى دائېشچىلارنى قانداق قىلىدىغانلىقىنىڭ سورالغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن ئەردوغان، «بىز مەسئۇلىيەتتىن قاچىدىغان بىر دۆلەت بولمىدۇق. دائېشنىڭ بېشىمىزغا بالا بولۇشىنى خالىمىغىنىمىزدەك دۇنيانىڭمۇ بۇنداق بىر مۇسىبەت بىلەن ھەپىلىشىشىنى خالىمايمىز. دائېش ئەزالىرىغا نېمە قىلىش كېرەك بولسا، شۇنى قىلىمىز. قېلىشى كېرەك بولغانلار تۈرمىلەردە قالىدۇ، كەلگەن دۆلەتلىرى قوبۇل قىلغانلىرىنىڭ بىر قىسمى ئۆز دۆلەتلىرىگە ئەۋەتىلىدۇ. تۈركىيە، بۇ رايوننىڭ كونتروللۇقىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، دائېش بۇ زېمىنلاردا قايتىدىن باش كۆتۈرەلمەيدۇ» دېدى.

تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە كورد قېرىنداشلىرىغا قارشى ئەمەس، تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «سۈرىيەلىكلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىز بەس – مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ. بىزنىڭ دەردىمىز سۈرىيەنى ئىشغال قىلىشقا تىرىشىۋاتقان دائېش، ي پ گ، پ ي د غا ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدۇر. بىزنىڭ ئۇ يەردىكى كورد قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ھېچقانداق مەسىلىمىز يوق، مەسىلە پۈتۈنلەي تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. بارىش پىنارى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ پەردە ئارقىسىدا جەنۇبىمىزدا بىر تېررور دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىش بار، بىز بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەنىڭ ھېچكىمنىڭ زېمىنىدا، مال – مۈلكىدە نەزىرىنىڭ يوقلۇقىغا ئىشارەت قىلغان ئەردوغان، تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسىنىڭمۇ بۇنداق بىر نىيىتىنىڭ قەتئىي يوقلۇقىنى ئېيتتى.

ئۇ، ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇنبىچتىن ئىراق چېگراسىغىچە بولغان پۈتۈن رايوننى ئامانلىق ۋە خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرۈپ، 8 يىلدىن بۇيان سۈرىيە خەلقىنىڭ ئۈستىدە ئۇچۇپ يۈرۈۋاتقان قارا بۇلۇتلارنى تارقىتىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئەردوغان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشتا بولۇپ ناتوغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرگە خىتاب قىلىپ، «بىز تۈركىيەمىز. بىز بىر ناتو دۆلىتىمىز. 5 – ماددىنى ناھايىتى ياخشى بىلىمىز. بۇ خىل تەشكىلاتلار ناتوغا ئەزا تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلغاندا سىلەر بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ تۇرساڭلار بولمايدۇ» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بارىش پىنارى ھەربىي ھەرىكىتىدە ھازىرغىچە 109 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر