تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ شىمالىدا «بارىش پىنارى (تىنچلىق بۇلىقى)» ھەربىي ھەرىكىتىنى باشلىدى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى پ ك ك / ي پ گ ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى «بارىش پىنارى (تىنچلىق بۇلىقى) ھەربىي ھەرىكىتى» باشلىدى.

1284929
تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ شىمالىدا «بارىش پىنارى (تىنچلىق بۇلىقى)» ھەربىي ھەرىكىتىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «بارىش پىنارى ھەربىي ھەرىكىتى» نىڭ باشلىغانلىقىنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق دۇنياغا جاكارلىدى؛ ئەردوغان ئۇچۇرىدا «تۈرك قوراللىق كۈچلىرىمىز سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا پ ك ك / ي پ گ ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى «بارىش پىنارى ھەربىي ھەرىكىتىنى باشلىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

مۇددىئالىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي چېگراسىدا شەكىللەندۈرۈلۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىۋاتقان تېررور كارىدورنى يوقىتىپ تاشلاپ، رايونغا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، «بارىش پىنارى ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دۆلىتىمىز قارشى تېررور تەھدىتىنى بىر تەرەپ قىلىپ تاشلايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ھەرىكەت ئارقىلىق بەرپا قىلىنىدىغان بىخەتەر رايون سايىسىدا سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ دۆلەتلىرىگە قايتىشلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، «بارىش پىنارى ھەرىكىتى ئارقىلىق سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداپ، بارلىق رايون خەلقىنى تېررورنىڭ پەنچىسىدىن قۇتۇلدۇرىمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ھەرىكەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قەھرىمان ئەسكەرلەرگە ۋە ئۇلارنى قوللاۋاتقان يەرلىك ياردەمچى كۈچلەرگە ئۇتۇق تىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر