چاۋۇشئوغلۇ ئالجىرىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، «ئالجىرىيە ئۆز رايونى ۋە ئىسلام دۇنياسىغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم بىر دۆلەت. ئالجىرىيەنىڭ مۇقىملىقى تۈركىيە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.

1284439
چاۋۇشئوغلۇ ئالجىرىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئالجىرىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى دائىرىسىدە ئالجىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سابرى بۇكادۇم تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىندى.

چاۋۇشئوغلۇ، كۈتۈۋېلىنىشتىن كېيىن مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، مەنسەپدېشىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئالجىرىيەگە كەلگەنلىكىدىن خۇشاللىق ھېس قىلىدىغانلىقىنى؛ تۈركىيە ۋە رايوندىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ جىددىيلىكىگە قارىماي ئالجىرىيەدە زىيارەتتە بولۇش ۋەدىسىدە تۇرغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئالجىرىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزگە كۈچلۈك ئەھمىيەت بېرىمىز. ئەتىكى (بۈگۈنكى) ئۇچرىشىشلىرىمىزدا بۇ ھەقتە سۆزلىشىمىز. ھۆرمەتلىك پىرېزىدېنت، ھۆرمەتلىك باش مىنىستىر ۋە ھۆرمەتلىك پارلامېنت باشلىقى بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىمىز بولىدۇ. ئالجىرىيە بۇ رايونغا ۋە ئىسلام دۇنياسىغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم بىر دۆلەت. ئالجىرىيەنىڭ مۇقىملىقى تۈركىيە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.

ئالجىرىيەدە ناھايىتى كۆپ تۈرك شىركىتىنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى خاتىرىتىلىپ ئۆتكەن چاۋۇشئوغلۇ، «ئۇلاردىن ئىپتىخارلىنىمىز. ئالجىرىيە دۆلىتىگە شىركەتلىرىمىزگە ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن ۋە ئۇلارنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەنلىكى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر