3 – نۆۋەتلىك ئورتاق چارلاش ئېلىپ بېرىش پائالىيىتى باشلاندى
سۈرىيەدە «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىدە بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش پىلانى دائىرىسىدە تۈركىيە قىسىملىرى بىلەن ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ 3 – نۆۋەتلىك ئورتاق چارلاش ئېلىپ بېرىش پائالىيىتى باشلاندى.
1281614
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «سۈرىيەدە <فىرات دەرياسى> نىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان تەلئەبيادنىڭ شەرقىدە، بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش پىلانى دائىرىسىدە تۈركىيە قىسىملىرى بىلەن ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ھەم قۇرۇقلۇق ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا 3 – نۆۋەتلىك ئورتاق چارلاش ئېلىپ بېرىش پائالىيىتى باشلاندى.»