ئەردوغان ئامېرىكىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۈركىيەگە قاراپ يولغا چىقتى.
1276468
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ 74 – نۆۋەتلىك ئومۇمى كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە رەسمىي ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، كىرودىيەلىك مەنسەپدېشى كولىندا گرابار كىتاروۋىچ بىلەن ب د ت مەركىزىي بىناسىدا يېپىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئارقىدىن گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىئاكوس مىچوتاكىسنى قوبۇل قىلدى.
ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغان ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن تۈركىيەگە قاراپ يولغا چىقتى.