شىمالىي ئىراقتا ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى
شىمالىي ئىراقتا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرىنىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان پارتلاتقۇچى پارتلاپ ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، ئىراقنىڭ شىمالىدا ئارقا سەپ ئاپتوموبىللىرى ئۆتۈۋاتقان ئەسنادا پ ك ك تېررورچىلىرى تەرىپىدىن ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچ پارتلاپ، ئىككى ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، رايوندىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا، «بىزنى چوڭقۇر ئازاب ۋە قايغۇغا سالغان بۇ ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەزىز شېھىتىمىزغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز، مۇسبەتلىك ئائىلىسىگە، تۈركىيە ئارمىيەسىگە ۋە ئۇلۇغ تۈرك مىللىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز ۋە سەۋر تىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.