ئەردوغان ئامېرىكىغا ئىككى ھەپتە مۆھلەت بەردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بىخەتەر رايون تەسىس قىلىش مەسىلىسىدە ئىككى ھەپتە ئىچىدە بىرەر نەتىجە چىقمىسا، ئەنقەرەنىڭ ئۆز ھەرىكەت پىلانىنى ئىجرا قىلىشقا باشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1271809
ئەردوغان ئامېرىكىغا ئىككى ھەپتە مۆھلەت بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بەشتەپە مىللەت قۇرۇلتاي ۋە مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2019 -2020 – يىلى ئالىي مائارىپ ئاكادېمىك يىلىنى باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە مۇراسىمدىكى سۆزى جەريانىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن مۇزاكىرە قىلىنغان بىخەتەر رايون مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەر ھەققىدىمۇ توختىلىپ، «ئىككى ھەپتە ئىچىدە بۇ يەردىن بىرەر نەتىجە چىقمىسا، ئۆز ھەرىكەت پىلانلىرىمىز ئىجرا قىلىشقا باشلايمىز. ئالدىمىزدىكى ئايلاردا كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىشلەر، سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ ئاسانلا ھەل قىلىنىشى ياكى ئېغىرلىشىپ كېتىشىنى بەلگىلەيدۇ. فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىنى بىخەتەر ھالەتكە كەلتۈرۈش ئارقىلىق بۇ يەرگە بىخەتەر رايوننىڭ دائىرىسىگە قاراپ 2 - 3 مىليون ئارىسىدىكى نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە ۋە ياۋروپادا ياشاۋاتقان سۈرىيەلىك مۇساپىرنى ئورۇنلاشتۇرۇشىمىز مۇمكىن» دېدى.

ئۇ يەنە، «ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن ھەم ئىدلىب، ھەم فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە كۈچلۈك ياردەمچى بولۇشىنى كۈتمەكتىمىز. ھازىرقى ھالەتتە گەپ بىزنى تويغۇزالمايدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر