ئىراقنىڭ شىمالىدا ئۈچ تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى
تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىشى ئاستىدا، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا بايقالغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئۈچ ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى.
1269985
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان گارا رايونىدا ھاۋا ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:
«تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىشى ئاستىدا، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا بايقالغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئۈچ ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى.»