ئۈچ دۆلەت باشلىقلار يىغىنى ئەتە ئەنقەرەدە چاقىرىلىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئەتە (2019 – يىلى 16 – سېنتەبىر) پايتەخت ئەنقەرەدە ئۇچرىشىدۇ.

1269712
ئۈچ دۆلەت باشلىقلار يىغىنى ئەتە ئەنقەرەدە چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چانقايا سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاستانا يىغىنى شەكلىدىكى بەشىنچى نۆۋەتلىك ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىدا، ئىدلىب مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ؛ يىغىندا، سۈرىيەدىكى توقۇنۇش مۇھىتىغا خاتىمە بېرىش، مۇساپىرلارنىڭ ئۆزى خالاپ يۇرتلىرىغا قايتىشى ئۈچۈن تېگىشلىك شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىش ۋە سۈرىيە مەسىلىسىگە ئۈزۈل – كېسىل سىياسىي چارە تېپىش يولىدا تاشلىنىدىغان ئورتاق قەدەملەر قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە تەسىس قىلىنىدىغان بىخەتەر رايون مەسىلىسىمۇ مۇھاكىمە قىلىنىدىغان ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىدا يەنە، رەھبەرلەر ئۆزئارا ئايرىم ئۇچرىشىشلارنىمۇ ئۆتكۈزىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى جەريانىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشىدۇ.

ئەنقەرەدە چاقىرىلىدىغان ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىدا چىقىرىلدىغان قارارلار، ئەردوغان – ترامپ ئۇچرىشىشىدىمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر