ئىراقنىڭ شىمالىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك لىق 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1269334
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ ھەمكارلىقىدا، ئىراقنىڭ شىمالىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملىشىۋاتقان 3 – نۆۋەتلىك «<پەنچە> ھەربىي ھەرىكىتى» جەريانىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك لىق ئىككى تېررورچى، قەندىل رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە ئىككى تېررورچى بولۇپ، جەمئىي 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.