ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى 30 مىليون يولۇچىنى كۈتۈۋالدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدا 6 – ئاپرېلدىكى كەڭ كۆلەملىك يۆتكىلىشتىن بۇيان 30 مىليون يولۇچى كۈتۈۋېلىندى.
1265166
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدا يولۇچىلارنىڭ مىسلىسىز ساياھەت ئەۋزەللىكلىرىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «بىز ھازىرغىچە كۈتۈۋالغان 30 مىليون يولۇچىمىزغا رەھمەت ئېيتىمىز. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قانچىلىغان سەپەرلەرنى شاد – خۇراملىق ئىچىدە بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشكە تىلەكداشمىز.»