پ ك ك تەشكىلات سېپىدىكىلەرنى قىيىن - قىستاققا ئېلىش ۋە ئۇجۇقتۇرۇشنى باشلىدى

ۋاننىڭ چاتاك ناھىيەسىدىكى قايىل قىلىش خىزمەتلىرى سايىسىدا خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى بىر تېررورچى، تەشكىلات سېپىدە قىيىن – قىستاققا ئېلىش ۋە ئۇجۇقتۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېيتتى.

1264191
پ ك ك تەشكىلات سېپىدىكىلەرنى قىيىن - قىستاققا ئېلىش ۋە ئۇجۇقتۇرۇشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋان ۋالىيلىق مەھكىمىسى بايانات بېرىپ، تەسلىم بولغان تېررورچى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا، يېقىنقى مەزگىللەردىكى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلغان پ ك ك / ك ج ك غا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە ئاتالمىش لىدېرلىرى باشتا بولۇپ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان تەشكىلاتنىڭ، تالاپەتنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆزلىرىگە ئارتىپ قويۇلغانلىقىنى ئېيتقانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا، تەسلىم بولغان تېررورچىنىڭ، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ك ج ك نىڭ تەشكىلات سېپىدە قىيىن – قىستاققا ئېلىش ۋە ئۇجۇقتۇرۇۋېتىش ھەرىكەتلىرىنى باشلىغانلىقىنى، ئۆلتۈرۈلگەن تېررورچىلار بىلەن ئوخشاش ئاقىۋەتكە دۇچار بولۇپ قېلىشتىن قورققان باشقا تېررورچىلارنىڭ تەشكىلاتتىن قېچىپ، ئۆزىگە ئوخشاش خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولۇشقا باشلىغانلىقىنى بايان قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئۇ، 18 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ھەرخىل ۋەدىلەر بېرىلىپ تەشكىلاتقا ئەزا قىلىنغانلىقىنى، ئارقىدىن زەھەرلىك چېكىملىككە كۆندۈرۈلگەنلىكىنى، بۇزەك قىلىنغانلىقىنى، ئارقىدىن ھەرىكەتلەردە ئالدىنقى سەپتە ئۆلۈمگە ئىتتىرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تېررورچى، تەسلىم بولغاندىن كېيىن دۆلەتنىڭ ئۆزىگە پەقەت ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىقىنى، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ باشتىن ئاخىر يېنىدا تۇرغانلىقىنى، دۆلەتنىڭ بۇ ھەقىقىي پوزىتسىيەسى بىلىنگەن تەقدىردە، تەشكىلاتتا ھېچكىمنىڭ قالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر