ئەردوغان: تۈرك مىللىتى بۈگۈنمۇ ۋەتىنى، ئىستىقلالى ۋە ئىستىقبالى ئۈچۈن جان پىدا قىلىشقا تەييار

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈرك مىللىتىنىڭ تۇنۇگۈنكىگە ئوخشاشلا بۈگۈنمۇ ئىستىقلالى ۋە ئىستىقبالى ئۈچۈن جېنىدىنمۇ ئەزىز بىلگەن ۋەتىنى قوغداش يولىدا پىداكارلىقى ۋە جاسارىتىنى كۆرسىتىشكە ھەر دائىم تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1261035
ئەردوغان: تۈرك مىللىتى بۈگۈنمۇ ۋەتىنى، ئىستىقلالى ۋە ئىستىقبالى ئۈچۈن جان پىدا قىلىشقا تەييار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 30ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان تەبرىكنامىسىدا، تۈرك مىللىتىنىڭ شانلىق تارىخىنىڭ ئالتۇن ھالقىلىرىدىن بىرسى بولغان 30ئاۋغۇست زەپەر بايرىمىنىڭ 97خاتىرە يىلىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ( پارلامېنتى) نىڭ ھۆرمەتلىك ئەزالىرى ۋە قەھرىمان تۈرك ئارمىيەسىنىڭ بارلىق ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىكتە مىللەتكە بۇ زەپەرنى ھەدىيە قىلغان مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ باش قوماندانى غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنى بۇ بۈيۈك زەپەرنىڭ 97خاتىرە يىلىدا مىننەتدارلىق بىلەن ئەسلەپ ئۆتتى.

ئەردوغان تۈركىيەدىكى، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىكى ۋە دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدىكى تۈرك خەلقىنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ 30ئاۋغۇست زەپەر بايرىمىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان مۇنداق دېدى:

«30ئاۋغۇستتا قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ كاتتا زەپەر بىلەن تەڭ، مىللىتىمىز ئۆزىگە راۋا كۆرۈلگەن ئاسارەت كۆينىكىنى يىرتىپ تاشلاپ، مەيلى قانداق بەدەل تالەشتىن قەتئىي نەزەر، مۇستەقىللىقتا ھەرگىز مۇرەسسە قىلمايدىغانلىقىنى پۈتۈن دۇنياغا جاكالىدى. ئاخىرقى دۆلىتىمىز تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ خۇش خەۋەرچىسى بولغان بۇ كاتتا زەپەر ئەسلىدە تارىختىن ئۆچۈرۈپ تاشلانماقچى بولغان تۈرك مىللىتىنىڭ قايتىدىن جانلىنىشىنىڭ نامىدۇر»

ئەردوغان بۈگۈنكى كۈندە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا، ئىراقتا ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزدا تۈركىيەگە قارشى قۇرۇلغان بارلىق توزاقلارنى بۇزۇپ تاشلاشتا قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، تۈرك مىللىتىنىڭ ۋە قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ھەق ھوقۇقىنىڭ تالان تاراج قىلىنىشىغا ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر