ئەردوغان ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
1260300
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە قوشۇمچە قىلىپ، ئىدلىب مەسىلىسى باشتا بولۇپ سۈرىيە ۋە لىۋىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.