ئەردوغان رۇسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەتە رۇسىيەدە بىر كۈنلۈك خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ.

1258685
ئەردوغان رۇسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ 27 – ئاغۇستتا رۇسىيەدە بىر كۈنلۈك خىزمەت زىيارىتىدە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ زىيارەت دائىرىسىدە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى ۋە پۇتىن بىلەن بىرلىكتە ھەيئەتلەرئارا ئۇچرىشىشلارغا رىياسەتچىلىك قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەردوغان، ئۆز ساھەسىدە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان ماكس-2019 خەلقئارا ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغىمۇ ئىشتىراك قىلىدىكەن.

ئەردوغاننىڭ رۇسىيە زىيارىتى جەريانىدا تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەتراپلىق شەكىلدە مۇزاكىرە قىلىنىشى، سۈرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلۇشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر