شىمالىي ئىراقتا 3 ئەسكەر شېھىت بولدى

ئىراقنىڭ شىمالىدا داۋاملىشىۋاتقان پەنچە-3 ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرى بىلەن تۈركىيە ئەسكەرلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 3 ئەسكەر شېھىت بولدى، 7 ئەسكەر يارىلاندى.

1258058
شىمالىي ئىراقتا 3 ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراقنىڭ شىمالىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 3 ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، 7 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

يارىدار ئەسكەرلەرنىڭ دوختۇرخانىدا بالنىستقا ئېلىنغانلىقى، رايوندىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، «بىزنى چوڭقۇر ئازاب ۋە قايغۇغا سالغان بۇ ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەزىز شېھىتلىرىمىزغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز، مۇسىبەتلىك ئائىلىلىرىگە، تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئۇلۇغ تۈرك مىللىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز ۋە سەۋر تىلەيمىز. يارىلانغان قەھرىمان سەپداشلىرىمىزغا تېز شىپالىقلار تىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر