ئەردوغان رۇسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.
1257632
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 27 - ئاۋغۇست سەيشەنبە كۈنى رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىكەن. زىيارەتتە، سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.