بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى كۆزىتىش نۇقتىسىغا ئوق چىقاردى

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى سۈرىيەدە تۈركىيە ئارمىيە قىسىملىرى تۇرۇۋاتقان 8-نومۇرلۇق كۆزىتىش نۇقتىسىغا كۈشكۈرتچىلىك قىلىپ ئوق چىقاردى.

1256862
بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى كۆزىتىش نۇقتىسىغا ئوق چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئايروپىلانلىرى ئىدلىبنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى مائارەتىنۇمان ناھىيەسىگە جايلاشقان 8-نومۇرلۇق كۆزىتىش نۇقتىسى ئەتراپىغا ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن ئوق چىقاردى. ۋەقەدە ھېچقانداق زىيان-زەخمەت كۆرۈلمىدى.

8-نومۇرلۇق نۇقتا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى تۈنۈگۈن (21-ئاۋغۇست) قورشاۋغا ئالغان خان شەيخۇن ناھىيەسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قوراللىق كۈچلىرى 10 كۈندىن بۇيان رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى تېررورىست گۇرۇپپىلارنىڭ ياردىمىدە ئىدلىبنىڭ جەنۇبىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى. 1 مىليونغا يېقىن كىشى ئىدلىب كېلىشىمى ئىمزالانغان 2018-يىلى 17-سېنتەبىردىن بۇيان سۈرىيە-تۈركىيە چېگراسىغا كۆچتى.

يەرلىك مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھۇجۇملار مائارەتىنۇمان ۋە سەراكىب ناھىيەلىرىگە كېڭەيگەن تەقدىردە، يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلار سانى 1 يېرىم مىليونغا يېتىدىكەن.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى 2019-يىلى 19-ئاۋغۇست 8-نومۇرلۇق كۆزىتىش نۇقتىسىنىڭ جەنۇبىدىكى مورىكقا جايلاشقان 9-نومۇرلۇق كۆزىتىش نۇقتىسىغا قاراپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان تۈركىيە ھەربىي ئاپتوموبىل ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، ھۇجۇمدا ئۈچ پۇقرا جېنىدىن ئايرىلىپ، 12 پۇقرا يارىلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر