ستېفېن تۋىتتي شانلىئۇرفادا تەكشۈرۈشلەردە بولدى

ئامېرىكا ياۋروپا قىسىملىرىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى ستېفېن تۋىتتي (Stephen Twitty) بىخەتەر رايونغا مۇناسىۋەتلىك ئورتاق ھەرىكەت مەركىزى خىزمەتلىرى دائىرىسىدە، شانلىئۇرفاغا يېتىپ كەلدى.

1253523
ستېفېن تۋىتتي شانلىئۇرفادا تەكشۈرۈشلەردە بولدى
milli savunma bakanligi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تۋىتتېر بېتىدە، ئامېرىكا ياۋروپا قىسىملىرىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى ستېفېن تۋىتتينىڭ بىخەتەر رايون خىزمەتلىرى دائىرىسىدە شانلىئۇرفادا تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىندى.

باياناتتا، ئامېرىكا بىلەن ماس قەدەمدە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تەسىس قىلىنىشى پىلان قىلىنغان بىخەتەر رايون دائىرىسىدە، ئامېرىكا ياۋروپا قىسىملىرىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى ستېفېن تۋىتتينىڭ، تۈركىيە ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، شانلىئۇرفادا تەكشۈرۈشلەردە بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى. بۈگۈن بولسا، ستېفېن تۋىتتينىڭ ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىدا يەنە ئۇچرىشىشلاردا بولغاندىن كېيىن، تۈركىيەدىن ئايرىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، بىخەتەر رايون توغرىسىدا تۈركىيەنىڭ بۇرۇن ئېلان قىلغان قاراشلىرىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە، يېقىنقى ۋاقىتلاردا بىخەتەر رايون توغرىسىدا بەزى تاراتقۇلاردا تۈركىيە ۋە ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ئاساس قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن خەۋەر ھەمدە ئانالىزلارنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلدى:

«ئامېرىكا بىلەن ماس قەدەمدە بىخەتەر رايون توغرىسىدا قىلىنىۋاتقان خىزمەتلەر دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن مۇۋاپىق زامان ۋە ماكاندا جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ دائىرىدە، تۈركىيەنىڭ بۇرۇن ئېلان قىلغان ۋە ھازىرمۇ كۈچكە ئىگە بولغان قاراشلىرىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر