سىئىرتتا پ ك ك نىڭ ئىككى ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى
سىئىرتتا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا قىلىنغان ھەربىي ھەرىكەتتە، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىككى ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى.
1244055
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۋىتتېردا، سىئىرتتا قىلىنغان ھۇجۇم توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، سىئىرتنىڭ ئەرۇھ رايونىدا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىككى ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىنغان.