تۈركىيەنىڭ ئەربىلدىكى كونسولخانا خادىمىغا ھۇجۇم قىلغۇچىلاردىن بىرسىنىڭ كىملىكى ئېلان قىلىندى
تۈركىيەنىڭ ئەربىلدىكى كونسولخانا خادىمى شېھىت قىلىنغان ھۇجۇمنى قىلغۇچىلاردىن بىرسىنىڭ كىملىكى ئېلان قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى ساقچى ئىدارىسى ئەربىلدىكى ھۇجۇمغا قاتناسقۇچىلاردىن يەنە بىرسىنىڭ سىياكو باقى ئابدۇلكەرىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە رەسىمىنى ئېلان قىلدى.
ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، ئابدۇلكەرىم ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە كىشىلەرنىڭ ساقچىلارغا خەۋەر قىلىشى كېرەكلىكىگە دائىر چاقىرىق ئېلان قىلىندى.
شىمالىي ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى ساقچى ئىدارىسى تۈنۈگۈن ئەربىلدە تۈركىيە كونسولخانىسى خادىمى شېھىت قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ باش جىنايەتچىسى مەزلۇم داغ قاتارلىق 6 كىشىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى ۋە ھۇجۇم قىلىش بۇيرۇقىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ئەربىلدە 17 – ئىيۇل كۈنى بىر رىستوراندا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا تۈركىيەنىڭ ئەربىلدە تۇرۇشلۇق بىر نەپەر كونسولخانا خادىمى شېھت بولغان ۋە 2 ئىراق پۇقراسىمۇ ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.