تۈركىيە سومالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، سومالىنىڭ پايتەختى موقدىشۇدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

1240483
تۈركىيە سومالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، موقدىشۇدا تۈنۈگۈن مەيدانغا كېلىپ كۆپ ساندا ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى، بىر قانچە ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، «ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىدارلارغا تېز شىپالىق، دوست ۋە قېرىنداش سومالى ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

پايتەختتىكى بومبىلىق ھۇجۇمدا 10 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان، 10 ئادەم يارىلانغانىدى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئەششەباب تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈستىگە ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر