شانلىئۇرفاغا راكېتامىيوت چۈشتى
سۈرىيە تەرىپىدىن ئېتىلغان دەپ قارىلىۋاتقان ئىككى راكېتامىيوتتىن بىرىنىڭ شانلىئۇرفانىڭ جەيلانپنار ناھىيەسىدىكى بىر ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە چۈشۈشى نەتىجىسىدە بىرى بالا بولۇپ، 6 كىشى يارىلاندى.
1240659
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «سۈرىيە تەرىپىدىن ئېتىلغان دەپ قارىلىۋاتقان ئىككى راكېتامىيوتتىن بىرىنىڭ شانلىئۇرفانىڭ جەيلانپنار ناھىيەسىدىكى بىر ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە چۈشۈشى نەتىجىسىدە بىرى بالا بولۇپ، 6 كىشى يارىلاندى. يارىدارلار جەيلانپىنار دۆلەتلىك دوختۇرخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇنىڭغا، چېگرا رايونىمىزدىكى ئېغىر تىپلىق قورال – ياراغلار ئارقىلىق قانۇنلۇق قوغدىنىش ھوقۇقى دائىرىسىدە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇلدى. جۈملىدىن، سۈرىيە تەرىپىدە ئالدىن ئېنىقلاپ چىقىلغان 7 نىشان يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلدى.»