ئەردوغان: سۈرىيە مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنى يېقىندا چاقىرىلىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيە، ئىران ۋە رۇسىيەنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىنىڭ يەنە بىر قېتىم چاقىرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1230962
ئەردوغان: سۈرىيە مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنى يېقىندا چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلدا جۈمەدىن چىقىۋېتىپ مۇخبىرلارنىڭ سۈرىيە ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار يېقىنقى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىرى ياكى سېنتەبىرنىڭ بېشىدا ئۈچ دۆلەت باشلىقلار يىغىنىنىڭ چاقىرىلىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

چاقىرىلىدىغان يىغىندا ئىدلىب مەسىلىسىگە قارىتا قانداق چارىلەرنى يولغا قويۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، نۆۋەتتە ئىدلىب ھەققىدە خۇسۇسەن رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ قولىدىن كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەنمۇ ئالاقىسى بولغان بەزى رايونلارغا دائىر سۆھبەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئارىسىدا داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن تۈنۈگۈن ئىچكى كابېنىت يىغىنىدىن كېيىن بايانات بېرىپ، تۈركىيە، ئىران ۋە رۇسىيەنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنى چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر