رەيھانلىدا پارتلاش يۈز بەردى

ھاتاينىڭ رەيھانلى ناھىيەسىدە بىر ئاپتوموبىلدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئۈچ كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1230868
رەيھانلىدا پارتلاش يۈز بەردى
cumhurbaskani erdogan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەيھانلى ناھىيەلىك ھۆكۈمەتكە تەخمىنەن 750 مېتىر يىراقلىقتا پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى ۋە جېنىدىن ئايرىلغان ئۈچ كىشىنىڭ سۈرىيەلىك ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىندى ۋە نەق مەيدانغا نۇرغۇن ساقچى ئەۋەتىلدى. بومبا مۇتەخەسسىسلىرىمۇ نەق مەيداندا تەكشۈرۈشلىرىنى باشلىدى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارتلاش ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنىڭ، پارتلاشنىڭ تېررورلۇق بىلەن چېتىشلىقى بولۇش مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۈمە نامىزىدىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «ئاپتوموبىلدا بومبا بارلىقى ئېنىق. بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە، يەنە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا ئاپتوموبىلدىكى ئۈچ كىشى جېنىدىن ئايرىلغان» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر