ھاككارىدا 2 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى
ھاككارىنىڭ مەركەزىي ناھىيەسى ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە، 2 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.
1229940
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىچكى بىخەتەرلىك ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە ھاككارىنىڭ مەركەزىي ناھىيەسى ئەتراپىدا ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ھەرىكەتتە 2 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى ۋە رايوندىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلندى.