تۈركىيە ئىراقنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتتى

تۈركىيە، ئىراقنىڭ ئەنقەردە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىغا تېررورچىلارغا چېگرا ھالقىپ زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ قەتئىي داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1227947
تۈركىيە ئىراقنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوينىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىراقنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتى ئىسسام مۇھەممەد تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلغان.

باياناتچى ھامى ئاقسوي بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«دىپلوماتقا، پ ك ك غا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىزدە پۇقرالارنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدىكى دەۋالىرىغا ئاساسەن تۈنۈگۈن (شەنبە كۈنى) ئېلان قىلغان باياناتلىرىنى قوبۇل قىلىشىمىزنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلدى. ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى رايونى تەۋەلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت توغرىسىدا ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى دائىرىلىرى پ ك ك نى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىراقنىڭ پ ك ك غا ئىشارەتمۇ قىلىنمىغان باياناتىنىڭ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىمىزدە يېقىندىن بۇيان يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ زىيارەتلىرى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىجابىي ئىلگىرىلەشكە ماس كەلمەيدىغانلىقى تەكىتلەندى. ئىراقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىمىز، شۇڭا زېمىنلىرىدا تېررورچىلارغا ئورۇن بەرمەسلىكى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلدى، ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىزنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر