ياپونىيە گېزىتى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى ماختىدى
ياپونىيەدە چىقىدىغان «‹ G-20 › گېزىتى» جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ماختىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. ياپونىيەدە چىقىدىغان «‹ G-20› گېزىتى» نىڭ مەخسۇس سانىدا، يىغىنغا قاتنىشىدىغان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە ئورۇن ئاجرىتىلدى.
گېزىت، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، 2016 – يىلى 15 – ئىيۇلدىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش تەشەببۇسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى يازدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ كۆپ قېتىم ياپونىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى، ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق تۈركىيەدە سايلام ئارقىلىق ۋەزىپىگە ئولتۇرغان تۇنجى دۆلەت باشلىقى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ مۇسۇلمان بىر رەھبەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان سېنېگالنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ماكى سال بىلەن كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سېنېگالنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ماكى سال بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.