ھۇلۇسى ئاقار گىرېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز  دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار  گىرېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئېۋانگېلوس ئاپوستولاكىس بىلەن كۆرۈشتى.

1225924
ھۇلۇسى ئاقار گىرېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
akar-stoltenberg.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇلۇسى ئاقار، بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، گىرېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئېۋانگېلوس ئاپوستولاكىس بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارارگاھىدا بىر يەرگە جەم بولغان.

ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە – گىرېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرى ئوتتۇرىسىدا ئاتىنا ۋە ئەنقەرەدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەگە دېڭىزىدا ھەمكارلىقنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش مەقسىتىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ھەيئەتلەر ئارا يىغىنلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكى، بۇنىڭ تولىمۇ خۇشاللىنارلىق ئەھۋال ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن، بۇ يىغىنلارنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرى دائىرىسىدە ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن.

مىنىستىر ئاقار، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىگە ئاساسەن، تىنچلىق ۋە دوستلۇق دائىرىسىدە، خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن شەكىلدە ھەل قىلىنىشى، ئەگە دېڭىزى ۋە ئاقدېڭىزدا مىللىي ھەق – ھوقۇق ۋە مەنپەئەتلەردىن ۋاز كېچىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى، ئىغۋاگەرلىك تۈسىنى ئالغان پوزىتسىيەلەر ۋە باياناتلاردىن يىراق تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ ئارىلىقتا، ھۇلۇسى ئاقار شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى دائىرىسىدە، ناتو ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى گېنېرال ستۇئارت پېچ ۋە ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر