ئاقار ستولتېنبېرگ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1222652
ئاقار ستولتېنبېرگ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىنىستىر ئاقارنىڭ تۈنۈگۈن  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە، ئافغانىستان ۋە باشقا رايونلۇق مۇداپىئە – بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى توغرۇلۇق ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان، ئىككى مىنىستىر، بۇ مەسىلىلەر توغرۇلۇق 26 – ئىيۇن كۈنى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئۇچرىشىشىدا تەپسىلىي مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشقا پۈتۈشكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر