مارمارىستا چارلاش پاراخوتى ئارقىلىق ساياھەت قىلىش
مالتا بايرىقى قادالغان « Horizon» ناملىق چارلاش پاراخوتى، كۆپىنچىسى ئىسپانىيەلىكلەردىن تەشكىل تاپقان 1460 يولۇچىسى ۋە 615 كىشىلىك پاراخوت خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە مارمارىس پورتىغا يېتىپ باردى.
1222098
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يولۇچىلار تاموژنىدىكى رەسمىيەتلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن، مارمارىس بازىرى، قەلئە ئىچى ۋە يات پورتىنى سەيلە قىلدى. ساياھەتچىلەرنىڭ بىر قىسمى چايخانىلاردا چاي – قەھۋە ئىچسە، يەنە بىر قىسمى بازاردا سودا – سېتىق قىلدى.