چاۋۇشئوغلۇ ئىراندا زىيارەتتە بولىدۇ
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىراندا خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ.
1220971
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىفنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 20 – 21 – ئىيۇن كۈنلىرى ئىرانبنىڭ ئىسفاھان شەھىرىدە خىزمەت زىيارىتىدە بولىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «زىيارەت دائىرىسىدە تۈركىيە – ئىران مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەر جەھەتتىن مۇزاكىرە قىلىنىشى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلۇشى كۈتۈلمەكتە.»