مۇھەممەد مۇرىسىنىڭ شېھىت بولغانلىقىغا دۆلەت ئىچىدىن نارازىلىقلار يۈكسەلمەكتە

مىسىرنىڭ سايلام بىلەن ۋەزىپىگە ئۆلتۈرغان تۇنجى پىرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇرسىنىڭ شېھىت بولىشىغا قارىتا تۈركىيە رەھبەرلىرى تەزىيە تېلەكلىرىنى ئېلان قىلدى.

1220538
مۇھەممەد مۇرىسىنىڭ شېھىت بولغانلىقىغا دۆلەت ئىچىدىن نارازىلىقلار يۈكسەلمەكتە

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركيىە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «مۇرسى قانۇنلۇق سالاھىيەت سىپىدا ئورۇن ئېلىش جاسارىتىنى كۆرسەتكەن كاتتا بىر رەھبەردۇر. مۇرىسى قاماققا ئېلىندى، بىراق مۇرىسى ئۆزىنى قامىغانلاردىنمۇ بەك ھۆر ئىدى. مىسىر خەلقىگە، ئىسلام دۇنياسىغا ۋە ئېزىلگەن بارلىق مىللەتلەرگە تەزىيە تېلەكلىرىمنى يوللايمەن. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئۇنىڭ كۈرەشلىرى ۋە ھاياتى ئۇنىڭدىن كېيىنكىلەرگە يول باشلىغۇسى» دېدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ مۇرسىنىڭ مىسىر سوت مەھكىمىسىدە ۋاپات بولغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ، «ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش ئۇنى ھاكىمىيەتتىن ئۇزاقلاشتۇردى، بىراق ئۇنىڭ ئەسلىمىلىرىنى قەلبلىرىمىزدىن يۇيۇپ چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس. ئۈممەت ئۇنىڭ تىك تۇرىشىنى قەتئىي ئۇنتۇمايدۇ» دېدى. 

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر ئالاقە ئىشلىرى باشلىقى فەخرىتتىن ئالتۇن ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «مىسىرنىڭ تۇنجى قېتىم دېموكراتىك ئۇسۇللار بىلەن سايلانغان ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا قانلىق بىر ھەربىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ھاكىمىيەتتىن ئاغدۇرۇۋىتىلگەن تۇنجى پىرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇرسى سوت مەھكىمىسىدە ھەقنىڭ ھۇزۇرىغا كەتتى» دېدى. 

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىكمۇ: «مىسىرنىڭ سايلام بىلەن كەلگەن تۇنجى پىرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇرسى ئەخلاقسىز ۋە قانۇنسىز ھەربىي ئۆزگىرىشنىڭ چاڭگىلىدىكى سوت مەھكىمە زالىدا سوت قىلىنىۋاتاتتى. مەھكىمە زالىدىلا شېھىت بولدى. شېھىت مۇھەممەد مۇرسىغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز» دېدى. 

ئۆمەر چەلىك مۇھەممەد مۇرىسىنىڭ جىنازىسىنىڭ ئائىلىسىگە تاپشۇرۇلماستىن دەپىن قىلىنىشىغا نازارىلىق بىلدۈرۈپ، «قوللىرىدىكى ئۆلۈم ماشىنىلىرى بىلەن ئادىمىيىلىق قىممەت قارىىشغا ھۇجۇم قىلغانلار ھايات تۇرۇپ چۈرۈپ تۈگەيدۇ. مەھكىمە زالىدا ۋاپات بولغان غۇرۇلۇق بىر كىىشنىڭ جىنازىسىدىنمۇ قورقۇشماقتا. چۈنكى چۈرۈكلەر ھايات كىشىلەردىن قورقايدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر