چاۋۇشئوغلۇ دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەزەربەيجان پىرېزىدېنت مەھكىمىسى دىپلوماتىيە سىياسىتى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ھېكمەت ھاجىيېۋ ۋە سومالىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى شېرىف شەيخ ئەھمەد بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشتى.
1220755
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ ئالدى بىلەن ئىستانبۇلدا ئەزەربەيجان پىرېزىدېنت مەھكىمىسى دىپلوماتىيە سىياسىتى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ھېكمەت ھاجىيېۋ ۋە سومالىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى شېرىف شەيخ ئەھمەد بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشتى، ئاندىن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭ ھەمىشە ۋە ھەر جەھەتتىن يېنىدا بولىمىز، مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ھەر ساھەدە تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرىمىز. دوست دۆلەت سومالىنىڭ كېلەچىكىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن سومالى ببىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز.»