ئەردوغان تاجىكىستاندىكى رەھبەرلەر يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قۇددۇستا يېڭىدىن «ئەمدى شۇنداق بوپ قاپتۇ» لارنى يارىتىشقا ئۇرۇنۇشنى قەتئىي رەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1218941
ئەردوغان تاجىكىستاندىكى رەھبەرلەر يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىدى

 

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تاجىكىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن 5نۆۋەتلىك ئاسىيا ھەمكارلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرۇش كېڭىشى يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىدى. 

ئەردۇغان نۇتۇقىدا، ھازىرقى دۇنيادا تۈزۈم ئەمەس، بەلكى تۈزۈمسىزلىكنىڭ ھاكىم ئورۇنغا ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «قوشىنىمىز سۇرىيەدە ئۇرۇشنىڭ ئاخىرىلىشىشى ۋە مۇقىملىقنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز. سۈرىيەنىڭ كەلگۈسىگە تەھدىت بولۇۋاتقان دائېش، پ ك ك/ ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى چېگرا ھالقىغان ھەرىكەتلىرىمىز ئارقىلىق ئېغىر زەربىلەرنى بەردۇق» دېدى.

ئەردۇغان ئامېرىكا قاتارلىق بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سۈرىيەدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك غا بەرگەن ياردەملىرىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، «بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قولى ئارقىلىق يەنە بىرىنى يوقۇتۇش سىياسەتلىرىنىڭ يېتىپ بارىدىغان نۇقتىسى تېخىمۇ كۆپ قان، تېخىمۇ كۆپ ئىشغالىيەت، تېخىمۇ كۆپ زۇلۇم ۋە تېخىمۇ كۆپ كۆز يېشى بولىدۇ» دېدى. 

ئەردوغان ئامېرىكانىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «قۇددۇستا يېڭىدىن <ئەمدى شۇنداق بوپ قاپتۇ> لارنى يارىتىشقا ئۇرۇنۇشنى قەتئىي رەت قىلىمىز» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر